ھەر قانداق بىر كارخانا رىقابەت قاينىمىدا پۇت دەسسەپ تۇرىمەن، تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن «ئاز بولۇش، ساز بولۇش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. كۆپىنچە ھاللاردا كارخانا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بۇ يۆنىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ خادىملارنىڭ ئىشتاتى جەھەتتە. كارخانا مۇرەككەپلەشكەنسېرى بوغالتېر، مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسى، ئۈسكۈنە خادىملىرى قاتارلىق ياردەمچى خادىملارغا موھتاج بولىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ياردەمچى خادىملار ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، سەللا بىخەستەلىك قىلسىڭىز، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە «جەڭ» قىلىۋاتقانلارنى بېسىپ چۈشىدۇ، ئۇلارمۇ ئۆيمۇ ئۆي قاتراپ، كارخانا ئۈچۈن تىجارەت - سودا يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ئورنى بىر قەدەر ئەمەلىي قارار چىقىرىدىغان ئورۇن بولغاچقا، ھەر بىرەيلەننىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك. باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىزدە كەينىڭىزگە بىر قەدەم چېكىنىپ، ئۆزىڭىزدىن كارخانىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى خادىملار باشلامچىلىق بىلەن «جەڭ» قىلىۋاتامدۇ ياكى ئارقا سەپ خادىملىرى بۇيرۇقۋازلىق قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئالنى سوراڭ، ئەگەر بۇ سوئالنىڭ جاۋابى كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولمىسا، ئارقا سەپ خادىملىرىنى كۆپەيتكىنىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بولىدۇ. ھېكمەت ئۈنچىسى: خادىم قوبۇل قىلىش ۋە خادىملارنى ئىشتىن بوشىتىش ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىككى تەرىپى، نىسبەتەن ئېيتقاندا، خادىملارنى ئىشتىن بوشىتىش باشقۇرغۇچىنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە رەھبەرلىك سەنئىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، خادىملارنى ئىشتىن بوشاتقاندا، كۆپلىگەن باشقۇرغۇچىلار ناھايىتى تەڭلىكتە قالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كارخانا مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، مەلۇم كىشىنى جازالاشنى مەقسەت قىلمىغان تاللاش توغرا تاللاشتۇر. («خارۋاردنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى»دىن) |